26 - سېنتەبىر ئۈرۈمچى كوئېنلون مېھمانخانىسىنىڭ مەرىكە زالىدا كاتتا خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى. پائالىيەتكە ش ئۇ ئا ر خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مەمتىمىن زاكىر، ئامىنە غاپار، ش ئۇ ئا ر سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپ ئەيسا قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى نازارەت – ئىدارىلەردە ئىشلەۋاتقان تەرجىمانلار ھەم تىل ۋە تەرجىمە ساھەسىدە ئىشلەپ پېنسىيىگە چىققان پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەردىن بولۇپ، جەمئىي 250 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى .
يىغىلىشتا ئالدى بىلەن ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يولداش لۇ شىنخۇا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللانىڭ شىنجاڭدىكى بارلىق تەرجىمانلارنىڭ بايرىمىنى قۇتلۇقلايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش جەريانىدا شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىلىرىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، بارلىق تەرجىمانلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ يازغان تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. لۇ شىنخۇا شۇجى ئاخىرىدا ئۆز نامىدىن نۆۋەتتىكى خىزمەتلەر ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ، شىنجاڭدىكى تەرجىمانلار قوشۇنىنىڭ پارتىيىنىڭ فاڭجىن - سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، مىللەتلەر ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىش، پەن - مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تارقىتىش، يۇمشاق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سىدىق مەتسىيىت ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتى ۋە شىنجاڭ تەرجىمانلار جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، پائالىيەتكە كەلگەن بارلىق مېھمانلاردىن سەمىمىي ھال سوراش بىلەن بىللە، بارلىق تەرجىمانلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ تېز يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شىنجاڭ تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى مۇھەممەد ئېلى شىنجاڭ تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمىتىدىن قىسقىچە دوكلات بەردى. يىغىلىشقا ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يولداش جاڭ شۇشەن رىياسەتچىلىك قىلدى

没有评论:
发表评论