2009年3月9日星期一

شەھەرلەرنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى ئەزەلدىن پۈتۈن جەمئىيەتتە تىل-يېزىقنى قوللىنىشنى باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ

ئورنىتىلىشى ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، شەھەرلەرنىڭ مەركەزلىك ئورنى ۋە تەسىر كۆرسىتىش رولى بارغانسېرى زورايدى، شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتى تىل-يېزىق خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشكە تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم ۋە تەلەپلەرنى قويدى. شەھەرلەرنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تىل-يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۈتۈن خەلقنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، شەھەرنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تۇرغۇزۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. باھالاش ئارقىلىق قانۇن يىچە باشقۇرۇپ نازارەت قىلىش سالمىقىنى زورايتقىلى، ئېھتىياجغا ئۇيغۇن كېلىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى ئورناتقىلى ۋە مۇكەممەللەشتۈرگىلى، باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تىل-يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش ئېڭى ۋە ئەمەلىي قوللىنىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
2-تۈردىكى شەھەرلەرنىڭ تىل-يېزىقنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى: دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى، «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنى» ۋە «ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق خىزمىتى نىزامى»نى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە، «ش ئۇ ئا ر نىڭ 2-تۈردىكى شەھەرلەرنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتىنى باھالاشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پرىنسىپى»نى ئۆلچەم، دۆلەت ئورگانلىرى، مەكتەپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئاساسلىق جامائەت مۇلازىمەت كەسىپلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شەھەرنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتىنى باھالاشنى ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇش، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە شەھەرنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تىل-يېزىق خىزمىتىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇش لازىم.
دۆلەت تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، شەھەرنىڭ تىل-يېزىقنى باھالاش خىزمىتى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويۇلىدۇ، 1-تۈردىكى شەھەر (ئۆلكە، ئاپتونوم رايون تۇرۇشلۇق جاي)نىڭ تىل-يېزىقنى باھالاش خىزمىتى 2003-يىلى ئەتراپىدا، 2-تۈردىكى شەھەرلەر (ۋىلايەت، ئوبلاستلار تۇرۇشلۇق جاي)نىڭ 2005-يىلى ئەتراپىدا، 3-تۈردىكى شەھەر (ناھىيە، شەھەرلەر)نىڭ 2010-يىلى ئەتراپىدا ئاساسەن تاماملىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 1-تۈردىكى شەھەرنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتىنى باھالاش 2003-يىلى دۆلەت تىل-يېزىق خىزمىتىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتكەن. دۆلەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلار تۇرۇشلۇق شەھەرلەر، قاراماي شەھىرى ۋە شىخەنزە شەھىرىنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتىنى باھالاش مۇشۇ يىل باشلىنىدۇ.

没有评论:

发表评论