بىرىنچىدىن، 2003-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ تۇغۇلغان، ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ ئىسمى بىردەك خەنزۇچە يېزىلىش قائىدىسى بويىچە يېزىلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، باشلانغۇچ مەكتەپكە يېڭىدىن كىرىدىغان بالىلارنى تىزىمغا ئالدۇرغاندا، 2003-يىل 9-ئايدا يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشقا كىرگەندىن باشلاپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇشقا كىرگەن بالىلارنى تىزىملىغۇچىسى مەسئۇل بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشىنى ئۆلچەملەشتۈرىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، 2003-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئومۇمەن 16 ياشقا توشقان يېڭىدىن كىملىك ئالغۇچىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشىنىڭ ئۆلچەملىك بولغان-بولمىغانلىقىنى ج خ ئورگانلىرىنىڭ كىملىك باشقۇرۇش تارماقلىرى «قائىدە» بويىچە تەكشۈرىدۇ ھەمدە «قائىدە» بويىچە تولدۇرۇپ يازىدۇ.
ئومۇمەن 16 ياشتىن ئاشقان كىملىك ئالماشتۇرغۇچىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىنىدۇ، بەلگىلىمە بويىچە بولمىسىمۇ بولىدۇ.
ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە بۇ «قائىدە»نى ئومۇملاشتۇرۇش كۇرسلىرى ئېچىلدى.
">

没有评论:
发表评论